رۇسىيەنىڭ «Prime» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 9-مارت خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ قۇش ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە پارچە سېتىش سودىگەرلىرى قۇش باھاسىنى توڭلىتىشقا كېلىشتى. ئىشلەپچىقارغۇچىلار توپ سېتىش باھاسىنى ۋاقىتلىق توڭلىتىشنى ۋە سېتىش مىقدارىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى پىلانلىغان.
رۇسىيەنىڭ دۆلەتلىك قۇش گۆشى ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىرلەشمىسى ۋە پارچە سېتىش جەمئىيەتلىرى بۇ كېلىشىمگە قوشۇلدى، بۇ كېلىشىم ئۈچ ھەپتە داۋاملىشىدۇ ۋە ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 145 رۇبلى (2 دوللار) قىلىپ بېكىتىلىدۇ.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى


